لوندون ياستۇق ئۇرۇشىغا سەھنە بولدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا «خەلقئارا ياستۇق ئۇرۇشى كۈنى»مۇناسىۋىتى بىلەن ياستۇق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلدى.

703994
لوندون ياستۇق ئۇرۇشىغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون ياستۇق ئۇرۇشىغا سەھنە بولدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋاستىسى ئارقىلىق تەشكىللەنگەن نۇرغۇن كىشى لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى كېننىڭتون  باغچىسىغا يىغىلىپ ياستۇق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى ياستۇق ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار يېنىدا ئېلىپ كەلگەن ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى ياستۇقلارنى بىر-بىرىگە ئېتىشىپ ئوينىدى، ئېتىشىش جەريانىدا يېرىلىپ كەتكەن ياستۇقلاردىن چىققان پەي ۋە يۇڭلار سەۋەبىدىن باغچا ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى.

بۇ قېتىمقى ياستۇق ئۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس  ھەربىي فورما ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىۋالغانلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

بۇ پائالىيەت «خەلقئار ياستۇق ئۇرۇشى كۈنى»دائىرىسىدە ھەر يىلى ئاپرېلنىڭ تۇنجى شەنبىسى دۇنيا مىقىياسىدا 40دىن ئارتۇق شەھەردە ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر