فىرانسىيە خىتايدىكى پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى پارىژدىكى ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئاشكارىلاشنى ۋە فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كىرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

703786
فىرانسىيە خىتايدىكى پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر تورلىرىدىن «باقىش» فىرانسىيەدىكى خىتايلارنىڭ نامايىشى ۋە خىتايدىكى تەسىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، خىتاينىڭ ئەڭ ئاۋات شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان شاڭخەيدە 30 - مارت پەيشەنبە كۈنى بىر ختاينىڭ فىرانسىيە پۇقراسىغا پىچاقلىق ھوجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جىددى ئاگاھلاندۇرۇش ئىلان قىلىپ، خىتايدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىنتايىن ھوشيار بولىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھرىدە بىر فىرانسىيە پۇقراسىنىڭ پىچاقلىق ھوجۇمغا ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ھوجۇمنى ئېلىپ بارغان خىتاي مىللەتچىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە فىرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ ھوشيار بولىشى تەكىتلەندى.

ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر خىتاي كۆچمىنى ساقچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى يۈزىسىدىن ئېتىپ تاشلانغان بولۇپ، ۋەقەدىن كىيىن فىرانسىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ، فىرانسىيە ساقچىلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە نۇرغۇنلىغان ئاپتومۇبىللارغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرلىرىمۇ بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئاشكارىلاشنى ۋە فىرانسىيەدە تۇرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كىرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

فىرانسىيەدىكى ختايلارنىڭ نامايىشى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

كۈزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەگە قارىتا، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەۋىج ئېلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ چەت ئەللەرگە يامرىشى، دەپ باھا بەرمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر