خىتاي ئىستىخباراتىغا مەلۇمات ساتقان ئامېرىكىلىق ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ىېپلوماتىيە خادىمى كلايىربورننىڭ خىتاي ئىستىخباراتىدىن ئالغان پۇلنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە بىرگە ياشىغان ۋە ئۆزىدىن 30 ياش كىچىك ئوبيېكتىغا بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

703409
خىتاي ئىستىخباراتىغا مەلۇمات ساتقان ئامېرىكىلىق ھەققىدە بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت سىرلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە دىپلوماتىيە خادىمى كانداك مارېي كلايىربورننىڭ خىتاي ئىستىخباراتىغا تولىمۇ ئەرزان باھادا مەلۇمات ساتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

رۇسىيەنىڭ «سىپۇتنىك» خەۋەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى:

خىتايغا مەخپىي مەلۇمات يوللاش بىلەن ئەيىبلەنگەن كلايىربورننىڭ ھەتتا خىزمەتدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەشكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» نىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە سوراق–سوئالغا يالغان جاۋاب بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇئاۋىن مۇپەتتىش مارىي ب مىك كورد «60 ياشلىق ئايال دىپلومات كلايىربورن مەخپىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

خىتاي ئىستىخبارىتىنىڭ كلايىربورنغا ئالما تېلېفون ۋە قول كومپىيۇتېرى ھەدىيە قىلغانلىقى، چەت ئەل ساياھەتلىرى، رېستوران خىراجەتلىرى ۋە ھەتتا ئوبيېكتىنىڭ خىتاي مودا مەكتىپىدىكى ئوقۇشىنىمۇ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت سىرلىرىغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە دىپلوماتىيە خادىمى كانداك مارېي كلايىربورننىڭ خىتاي ئىستىخباراتىدىن ئالغان پۇلنىڭ مىقدارى ئېلان قىلىندى. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئانالىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتلارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا ئاران 2480 دوللاردەك ئازغىنە پۇلغا سېتىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   

 ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەشكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سىزىپ قىالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كلايىربورننىڭ ئېلخەت قاتارلىق بارلىق پاكىتلارنى يۇيۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقى،  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىچىدە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان يەنە بىر كىشىنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەندى، بىراق كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

كلايىربورننىڭ خىتاي ئىستىخباراتىدىن ئالغان پۇلنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە بىرگە ياشىغان، ئۆزىدىن 30 ياش كىچىك ئوبيېكتىغا بەرگەنلىكى، خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ كلايىربورن تەلىپىگە بىنائەن بىرلىكتە ياشىغان كىشىنىڭ مودا مەكتىپىدىكى ئوقۇش خىراجىتى، ئۆي ئىجارىسى، تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1999–يىلىدىن بېرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كلايىربورننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى بارلىقى، گەرچە ئۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، سوتتا جىنايىتى ئىسپاتلانغان تەقدىردە 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر