فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي مافىيا تورى رول ئوينىماقتا

فىرانسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا، فىرانسىيەدىكى غەزەپلەنگەن خىتاي كۆچمەن ياشلارنىڭ بەزى ھۆكۈمەت مەركەزلىرى تەرىپىدىن كۈشكۈرتىلىۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

703511
فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي مافىيا تورى رول ئوينىماقتا

 

تۈكىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى، نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي مافىيالىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە 56 ياشلىق خىتاي كۆچمەن شايو لىيۇنىڭ پاتەخت پارىژدا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلماقچى بولغان فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 200 گە يىقىن خىتاي باشلىغان نامايىش داۋاملىشماقتا.

رېپادلىكا مەيدانىغا توپلاشقان خىتاي نامايىشچىلار «قاتىل ساقچى»  دېگەن شوئارلارنى توۋلىشىپ نامايىش قىلدى ۋە «تاجاۋۇزچى ساقچى»، «فىرانسىيەدىكى ئاسىيالىقلار ئويغۇنۇڭلار»، «ئاسىيالىقلار فىرانسىيەدە بېسىم ئاستىدا» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنىمۇ كۆتىرىشىپ چىقتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Parisien» گېزىتى، فىرانسىيە ئىچكى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ پايتەخت پارىژدىكى نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي مافىيا تورىنىڭ باش رول ئويناۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر دوكلاتنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

   مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، فىرانسىيەدىكى غەزەپلەنگەن خىتاي كۆچمەن ياشلارنىڭ بەزى ھۆكۈمەت مەركەزلىرى تەرىپىدىن كۈشكۈرتىلىۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر