دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ئامېرىكا پالاتاسىدا سوراق قىلىنىدىغان بولدى

ئامېرىكا پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ھەققىدە سوراق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

700711
دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ئامېرىكا پالاتاسىدا سوراق قىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە ياردەمچىسى جارېد كۇشنېر، دونالد ترامپ ۋە گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيەگە بولغان چېتىشلىقى ھەققىدە پالاتادا سوراققا چىقىدىغان بولدى. 

ئاقساراي دائىرىلىرى جارېد كۇشنېرنىڭ پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىغا خالىسانە بايانات بېرىشكە رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى ئامېرىكىدا 8–نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ قول تىققانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. 

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىگە بايانات بەرگەن مەسئۇللار، كومىتېتنىڭ جارېد كۇشنېرنى رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى قېتىم ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە سوراق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەر ئىككى ئۇچرىشىش نىيۇيوركتىكى ترامپ مۇنارىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دەسلەپتە رۇسىيە باش ئەلچىسى سېرگېي كىسىلياك بىلەن، ئىككىنچى قېتىمدا رۇسىيەنىڭ دۆلەتكە تەۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئاقساراي دائىرىلىرى نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئۇچرىشىشلاردا ھېچقانداق خۇسۇسىي ئىشلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى، دونالد ترامپ ۋە گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ داۋاملىق دېگۈدەك قائىدە بويىچە رۇسىيە ۋە باشقا چەت ئەللىك ھەيئەتلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ سايلامدا ترامپنىڭ ھىلارىي كلىنتوننى يېڭەلىشى ئۈچۈن تور ھۇجۇمچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. 

رۇسىيە بولسا، بۇنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە دونالد ترامپمۇ پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىككى ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزلۇپ تەكشۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» مۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەكشۈرۈشلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر