بەششار ئەسەد قىسىملىرى يەنە نارىسىدىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى بىر ناھىيەنى بومباردىمان قىلىپ بىر دادا بىلەن ئۈچ بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
700815
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبكە قاراشلىق جىسر ئەش-شۇغۇر ناھىيەسىنى بومباردىمان قىلىپ بىر دادا بىلەن ئۈچ بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى جىسر ئەش-شۇغۇر ناھىيەسى ئەتراپىدىكى يېزىلارغا توپ ئوقلىرى، راكىتامىيوت ئاتقاندىن سىرت، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومباردىمان قىلغان.
تۈنۈگۈن باشلانغان ھۇجۇملاردا خارابىلىكلەر ئاستىدىن بىر دادا بىلەن 3 بالىنىڭ جانسىز بەدەنلىرى چىقىرىلغان.
مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئەڭ ئاز 10 كىشى يارىلانغان ھۇجۇملاردا خارابىلىكلەر ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
رايوندىكى پارتلاش ئاۋازلىرى خاتاينىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان يايلاداغ ناھىيەسىدىنمۇ ئاڭلىنىدۇ.