ب د ت: راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز

ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، راققەدىكى 400 مىڭ پۇقرانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

700620
ب د ت: راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت، سۈرىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى راققە شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر زىچ رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلى 400 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت  باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى؛ مەكتەپلەر، بازارلار ۋە ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، راققە ھەربىي ھەرىكىتى تۈپەيلى 400 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا بىرلەشمىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ راققەنىڭ غەربىدىكى يۈزلەرچە مۇساپىر ياشاۋاتقان بىر مەكتەپ بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ راققە ئەتراپىدا كۆپ ساندا ھاۋا ھۇجۇمىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر دەۋالارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر