ئامېرىكا يەمەن ئۇرۇشىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىشنىڭ كويىغا كىردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس يەمەن ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ھەربىي ياردەم چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

700134
ئامېرىكا يەمەن ئۇرۇشىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئېلىشنىڭ كويىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ يەمەندىكى ھەربىي توقۇنۇشلار  ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ياردەم چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس مۇشۇ ئاي ئىچىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ھ. ر. ماكماستېرقا خەت ئەۋەتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن يەمەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى چەكلىك دائىرىدە قوللاشنىڭ «ئورتاق تەھدىت»كە قارشى كۈرەشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كېلەر ھەپتە ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان كومىتېتتا كېڭەش قىلىنىدىغان بۇ تەلەپنىڭ كونكرېت ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ماتتىس ۋە پېنتاگون مەسئۇللىرى ئوباما دەۋرىدە يولغا قويۇلغان ھەربىي چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى، شۇنداقلا ھەر ئىشتا ئاق ساراينىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىش يولىنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر