گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر دورىنى غەلبىلىك سىناپ چىقتى

گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر دورىنى چاشقان ئۈستىدىن غەلبىلىك سىناپ چىقتى.

699563
گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر دورىنى غەلبىلىك سىناپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدىكى ئەراسمۇس ئۇنىۋېرسىتىېتىدا خىزمەت قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار قېرىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر دورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناپ چىقتى.

« Cell » (ھۈجەيرە)ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان ماقالىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ دورىنى چاشقان ئۈستىدىن سىناق قىلىپ مۇۋاپپەقىيەت قازانغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر ماقالىدە  ياشقا چوڭ بىر كىشىنىڭ توقۇلمىلىرىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جۇغلانغان قېرىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارتىت (بەدەن تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە بوغۇملاردا مەيدانغا كېلىدىغان يارىنى كۆرسىتىدۇ) ۋە دىيابەتكە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ماقالەدە يەنە گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار ياساپ چىققان «ياشلىق ئىكسىرى»نىڭ قېرىلىق ھۈجەيرىلىرىنى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى، نەتىجىدە قېرىلىق ھۈجەيرىسىنىڭ تەتۈرىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ دورىنىڭ تەركىبىدە قېرىلىق ھۈجەيرىلەردە ئۆز-ئۆزىنى يوق قىلىش ئالاھىدىلىكى بولغان پېپتىد مادىسى بار ئىكەن.

دورا بېرىلگەن قېرى چاشقانلارنىڭ كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى ۋە بۇ چاشقانلارنىڭ يۈگرەش چاقلىرىدا ئۇزۇنغىچە تۇرغانلىقى كۆرۈلدى. شۇنداقلا، چاشقانلارنىڭ سىناق جەريانىدىكى ھەرىكەتلىرى «ياشلىق ئىكسىرى»بېرىلگەندىن كېيىن ئىككى ھەسسە تېزلاشقان.

تەتقىقاتچىلار چاشقانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىمۇ ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى، ھايۋانلارنىڭ تۈكلىرىنىڭمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۈزەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  بۇ دورىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىشتى.

بۇ دورىنىڭ كېيىنچە ئىنسانلارغىمۇ سىناق قىلىنىدىغانلىقى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر