بىرازىلىيەدە خەلق خىيانەتچىلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

بىرازىلىيەدە بۇ قېتىم خەلق خىيانەتچىلىككە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

699731
بىرازىلىيەدە خەلق خىيانەتچىلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە يۈزلەرچە كىشى  مەملىكەت مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ساۋ پاۋلو بىلەن رىيو دې جانېرودىكى نامايىشلارغا قاتناشقانلار خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلەرنى قوللاشتىن سىرت، پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلغان سايلام تۈزۈمى بىلەن بەزى دۆلەت ئورگانلىرىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىپ سوتلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سىياسەتچىلەرگە قارشى شوئارلار توۋلاشتى.

بىرازىلىيە مىقىياسىدا 2016-يىلى مارتتا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى ئەسناسىدا، سابىق پىرېزىدېنت دىلما روسسېفف دەسلەپ 6 ئاي ۋەزىپىسىدىن توختىتىلدى، ئارقىدىن ئاۋغۇست ئېيىدا ئالىي پالاتا تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

دىلما روسسېففنىڭ ئورنىغا كەلگەن مىشېل تېمېر ھاكىمىيىتىدىكى نۇرغۇن مىنىستىر ۋە ئەمەلدارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى نەتىجىسىدە خەلق قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى.

بىرازىلىيە مىقىياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، دۆلەت نېفىت شىركىتى پېتروبراس ۋە بىرازىلىيەدىكى كۈچلۈك قۇرۇلۇش-بىناكارلىق شىركەتلىرىنىڭ سىياسەتچىلەرگە 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پارا بەرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ ، ئونلارچە سىياسەتچى ۋە سودا-سانائەتچى تۈرمىغا تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر