بىرما ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچرىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە قارشى چىقتى

بىرما ھۆكۈمىتى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچرىۋاتقان زۇلۇملارنى تەكشۈرۈشىگە قارشى چىقتى.

699244
بىرما ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچرىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارشى چىقتى.

بىرمادىكى دۆلەتكە تەۋە گېزىتلاردىن بىرىدە ئېلان قىلىنغان بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خەلقئارا مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشتىن بەكرەك تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ب د ت نىڭ قارارىنىڭ ئاراكاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە بىرمانىڭ «مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك»ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنۇلار قەيت قىلىندى: «بىرما ب د ت نىڭ قارارى بويىچە ئىش قىلمايدۇ.»

ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى پىل روبېرتسون، ئاراكان ۋىلايىتىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ بىرما ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت بىتەرەپ تۇرۇشى كېرەك، ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەپتىش خادىملىرى بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاراكاندا نېمىلەرنى قىلغانلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى لازىم.»

بىرمانىڭ پىرېزىدېنتى ۋە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ چى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاراكاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان روبېرتسون يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىشلىرى كېرەك.»

ئۇ يەنە سابىق ب  د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانىڭ باشچىلىقىدىكى روخىڭيالار مەسلىھەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنىڭ دەرھال يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر