ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

ئاقدېڭىزنىڭ لىۋىيە تەۋەلىكىدە يېڭى بىر پاجىئە يۈز بېرىپ، 250 كۆچمەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

698295
ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيەنىڭ 15 دېڭىز مىلى يىراقلىقىدا مەيدانغا كەلگەن پاجىئەدە كۆچمەنلەر كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن. رايوندىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئىسپانىيەنىڭ بىر ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ئائىت كېمە 5 كۆچمەننىڭ جەسىتىنى تاپقان ھەمدە يەنە ئىككى كېمىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پاجىئەدە 250 كۆچمەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدىكى ساھىل بىخەتەرلىكى قوماندانلىق ئىشتابى يوقاپ كەتكەنلەر سانىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىمۇ قاتناشقان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە رايوندىكى كۆپلىگەن كېمىلەرمۇ ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، دېڭىز ۋە ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئاقدېڭىزدىكى قالايمىقان كۆچۈش ئەھۋاللىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان لىۋىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز يولىدا بۇلتۇر 5 مىڭدىن كۆپرەك كۆچمەن قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر