ئىنسانلار سىياسىي سودىنىڭ مېلى ئەمەس

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ياۋروپانىڭ تۈركىيە سىياسەتچىلىرىگە قويغان چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

697949
ئىنسانلار سىياسىي سودىنىڭ مېلى ئەمەس

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گۈنتېر گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياسەتچىلىرىگە قارشى يولغا قويغان چەكلىمە ۋە توسقۇنلۇقلىرىنىڭ دېموكراتىك قائىدە-پىرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت سۈپىتىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

گۈنتېر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 16-چېسلادىكى رېفېراندۇمدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپنىڭ بەس-مۇنازىرەلىرىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «نۇرغۇنلىغان سىياسەتچى تۈركىيە سىياسەتچىلىرىنى قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانلار دەپ ئېلان قىلىنغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ گېرمانىيەدىلا ئەمەس. مەن بۇنى خەتەرلىك پۇرسەتپەرەستلىك دەپ قارايمەن» دېدى.

گوللاندىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان قوپال مۇئامىلىسىنىڭ سايلام نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە پايدىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «سىياسىي قارارلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋىلدېرسقا ئوخشاشلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىچىدىن ئورۇن ئالماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مېنى ئەندىشەگە سالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۇرۇشقاق ناسيونالىزمنى ئۇنىڭ كۆز قاراش ۋە پىروگراممىلىرىنى دورىغىنىمىزدا يىڭەلمەيمىز» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2016) ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كۆچمەنلەرنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنىڭ، تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بارماقچى بولغان پاناھلانغۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئالدىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئالغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇقتىسىدىن كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ياۋروپا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قىسمەن ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ كېلىشىمنى ئىنسانىي نۇقتىدىن توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىمنى دەپ قويۇشنى خالايمەن. ئىنسانلار سىياسىي سودا ئۈچۈن مال ئەمەس» دېدى.

ئۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى كىرىزىسنىڭ پەقەت بىر ئامىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەۋجۇت كىرىزىسنىڭ ئۇلغىيىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «يۈزمىڭلەرچە كىشىنىڭ تۈركىيەدە تۇرماسلىقى، ئاقدېڭىزدا سۇغا چۆكۈپ كېتىشى ياكى گىرېتسىيە ئاراللىرىدا تۇرۇشى ھەممە ئىشنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر