رۇسىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى سۇيىقەتسكە ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا تەپتىش مەھكىمىسى رۇسىيەنىڭ ياللانما قاتىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋورونېنكوۋنى ئۆلتۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

697796
رۇسىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى سۇيىقەتسكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە قايتىدىن يىرىكلىشىش باشلاندى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كېۋدە رۇسىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دېنىس ۋورونېنكوۋ چۈشكەن مېھمانسارايغا يېقىن جايدا قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا ۋورونېنكوۋنىڭ قوغدۇغۇچىسى بىلەن ھۇجۇمچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ھەر ئىككى تەرەپ يارىدار بولدى.

بۇ ھۇجۇم بارغانچە يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇكرائىنا – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغېر تەسىر كۆرسەتتى.

رۇسىيە ئاخباراتلىرى بۇ ۋەقەنى «سودا – سانائەت دۇنياسىدا ھېسابلىشىش» سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنا مەسئۇللىرى بولسا، ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ قولى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى پېترو پوروشەنكو رۇسىيەنى دۆلەت تېررورىنى ئىشقا شېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇكرائىنا تەپتىش مەھكىمىسىمۇ رۇسىيەنىڭ ياللانما قاتىللارنى ئىشقا سېلىپ، ۋورونېنكوۋنى ئۆلتۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دېنىس ۋورونېنكوۋ كۈزدە ئۇكرائىناغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆكرائىنا گەرەژدانلىقىغا ئۆتكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر