رۇسىيە، PKK/YPG بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

رۇسىيە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە گۇماشتىسى ي پ گ بىلەن كېلىشىش ئارقىلىق، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

695878
رۇسىيە، PKK/YPG بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ مەنسۇپلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ھەربىي بازا قۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ راست ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئافرىن ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىر شۆبىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى»، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەترەتنىڭ «خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» ئافرىنغا يېقىن جايدىكى پ ك ك / پ ي د بىلەن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈركىلىش لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بولسا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتتە پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى چىقماقتا.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھېچبىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىپ تاشلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئېنىق بىلدۈردۇق» دېگەنىدى.

تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خولۇسى ئاقارنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف فرانسىس دۇنفورد ۋە رۇسىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ۋالېري ۋاسىليېۋىچ گېراسىموۋ 7 – مارتتا ئانتاليادا چاقىرىلغان يىغىندا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر  مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر