رۇسىيە مېركېلنىڭ سىياسەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەنقىد قىلدى

ئالېكسېي پۇشكوۋ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ ئۆزى توغرا سىياسەتلەرنى يولغا قويالماي تۇرۇپ، باشقىلارغا سىياسىي يول خەرىتىسى سىزىپ يۈرۈشىنى تەنقىد قىلدى.

696176
رۇسىيە مېركېلنىڭ  سىياسەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشىنىڭ ئۇچۇر سىياسىتى كومىتېتى باشلىقى ئالېكسېي پۇشكوۋ گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ تۈركىيە ۋە رۇسىيەگە قارىتا سىياسىي يول خەرىتىسى سىزىپ يۈرۈشىنى تەنقىد قىلدى.

ئالېكسېي پۇشكوۋ تۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر، رۇسىيە بىلەن ناچار مۇناسىۋەتلەر، ئەردوغان بىلەن جېدەل ھەمدە ئاچچىقىنى باسالمىغان گىرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن يوللىرىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى مېركېل سىزغان سىزىقلارنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر