گېرمانىيەنىڭ ئارقىسىدىن گوللاندىيەمۇ تېررورچىلارغا يانتاياق بولدى

تۈرك ئەمەلدارلارنىڭ يىغىن چاقىرىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان گوللاندىيە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلدى.

695539
گېرمانىيەنىڭ ئارقىسىدىن گوللاندىيەمۇ تېررورچىلارغا يانتاياق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى، گوللاندىيەنىڭ رۇخسەت قىلىشى سايىسىدا لاھەي شەھىرىدە باش تېررورچىنىڭ سۈرەتلىرى، تەشكىلاتقا سىمۋوللۇق قىلىدىغان پارچە لاتىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە 200 ئەتراپىدا ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

تەشكىلات تەرەپدارلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ، تۈركىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدە ئىسمى بولۇشىغا قارىماي PKK غا رۇخسەت قىلىشىغا قوش ئۆلچەم، دەپ باھا بېرىلمەكتە.

PKK نىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغان گوللاندىيە، تۈرك مىنىستىرلارنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىغانىدى. 11 – مارتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قونۇش رۇخسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايامۇ ئىرقچى ۋە فاشىستلارچە مۇئامىلە بىلەن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىغا بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.

PKK تەرەپدارلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا يېقىن جايدىمۇ نورۇز نامى ئاستىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 16 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قارشى بېلەت تاشلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىمۇ تۈرك مىنىستىرلارنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان ئىككىنچى بىر دۆلەت گېرمانىيەدە نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

گېرمانىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلىشى تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر