FBI ئامېرىكا سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقانلىقىغا دائىر ئىسپات تاپالمىغان

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

696043
FBI ئامېرىكا سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقانلىقىغا دائىر ئىسپات تاپالمىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېيمېس كومى 2016-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

FBI باشلىقى كومى بىلەن مىللىي خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقى (NSA) نىڭ دىرېكتورى مايكېل روجېرس ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيەنىڭ سايلاملارغا ئارىلىشىشى» تېمىلىق يىغىندا، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كومى دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارغا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا: « FBIرۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ 2016-يىللىق سايلىمىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ» دېدى.

كومى يەنە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشنىڭمۇ، تەكشۈرۈشنىڭ بىر پارچىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا، جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەن ياكى ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكنىڭمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تېخى ئاخىرلاشمىغان تەكشۈرۈش بولۇپ، داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەكشۈرۈش مەخپىي ھالدا داۋاملىشىدۇ» دېدى. ئۇ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىللىي خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقىنىڭ دىرېكتورى مايكېل روجېرس 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا، رۇسىيەنىڭ ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر رۇسىيە سايلامغا ئارىلاشقان بولسا، 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغىمۇ ئارىلىشىدۇ دېگەن گەپ، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلالمايمىز» دېدى.

يىغىندا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «سابىق پىرېزىدېنت ئوباما تېلېفونومنى مەخپىي ئاڭلىدى» دېگەن دەۋاسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومى FBI نىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «قولىمىزدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دەۋاسىنى دەلىللەيدىغان يىپ ئۇچى يوق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنتنىڭ تۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا تىلغا ئالغان بۇرۇنقى ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفونىنى مەخپىي ئاڭلىغانلىقىنى دەلىللەيدىغان مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر