ئىسرائىلىيە بىر پەلەستىنلىكنى 396 ئادەمنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئىسرائىلىيە، 2015 – يىلى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىككى يەھۇدىي كۆچمەن بىلەن بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر پەلەستىنلىكنى 396 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

694671
ئىسرائىلىيە بىر پەلەستىنلىكنى 396 ئادەمنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان يەدىئوت ئاخرونوت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەربىي قىرغاقتىكى ئوفرا ھەربىي سوت مەھكىمىسى، قۇددۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ئالون شۋوت ئاھالىلەر رايونىغا يېقىن جايدا ئىككى يەھۇدىي كۆچمەن بىلەن بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن مۇھەممەد ئەلھۇرۇبقا ھەر بىرى 99 يىللىقتىن 4 قېتىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ھەربىي سوتچى، ئەلھۇرۇبنىڭ يەنە ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا جەمئىي 750 مىڭ ئىسرائىلىيە شەكەلى (250 مىڭ دوللار) تۆلەم تۆلىشىگە ھۆكۈم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىگە 2015 – يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 3369 پەلەستىنلىكنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر