ئافغانىستاندا دائېشقا تۇيۇقسىز زەربە بېرىلدى
دائېشقا ئەزا 8 تېررورچى ئۆلۈپ، 4 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالدىكى جۇزدان ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
جۇزدان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى رىزا غافۇرى ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ دەرزاب ناھىيەسىگە قاراشلىق تاش جۇۋاز ۋە ئارچىتۇ ناھىيەلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىزا غافۇرى ئۇجۇقتۇرۇلغانلاردىن باشقا يەنە دائېشقا ئەزا 4 تېررورچىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى ۋە دائېشقا تەۋە 2 پاناھجاينىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.