مۇسۇلدا 48 سائەت ئىچىدە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىردە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پۇقرالارنى تىرىك قالقان قىلىپ پايدىلىنىشى ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ بومباردىمانى نەتىجىسىدە، 48 سائەت ئىچىدە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

695170
مۇسۇلدا 48 سائەت ئىچىدە 40 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مۇسۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزالىرى ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيىۋالىدۇ ۋە كۆپىنچە بىنالارنىڭ ئۈستىدىن ئوق ئاتىدۇ. ئىراق قىسىملىرى ئۇلارنىڭ دائېشچى تېررورىست ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىنا پۈتۈنلەي بومباردىمان قىلىنىدۇ» دېيىلدى.

تېررورىستلارنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى سەرادلىبتە تىرىك قالقان قىلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، خەۋپسىزلىك قىسىملىرى پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ دائېشنىڭ پۇقرالارنى تىرىك قالقان قىلىش پىلانىدا غەلىبە قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئۆتكەن ئايدا رايوندا ياشايدىغان يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ئۇرۇش ۋە بومباردىمان سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان جەسەتلەرنى كۆرۈشى سەۋەبىدىن پىسخىكىسى بىنورماللىشىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، ئەلفارۇق ۋە ئەسسەرجەخانە رايونىدا ئونلارچە ئۆينىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى؛ دائېشنىڭ رايوندىن قېچىپ كەتمەكچى بولغان بولغان بىر ئائىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئېتىۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇرۇش بولۇۋاتقان مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان بارلىق ساھەلەرنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا بويسۇنۇشى ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر