دەمەشقنىڭ چەت مەھەللىلىرى كەسكىن توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ چەت مەھەللىلىرىدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچى قىسىملار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

694724
دەمەشقنىڭ چەت مەھەللىلىرى كەسكىن توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ چەت مەھەللىلىرىدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچى قىسىملار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر كەلمەكتە.

شاھىتلار ئۆكتىچى قىسىملارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا شەھەر مەركىزىگە توپ ئوقلىرى بىلەن روكېتلار چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كۆزەتكۈچىلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ جوبار رايونىدىكى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، دەمەشقتە بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار بىلەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى سادىر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دەمەشقتە ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا ناھايىتى ئازلا رايونلار بار بولۇپ، جوبار شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.  مەزكۇر ناھىيەنىڭ بىر قىسىمى تېررورچىلارنىڭ، بىر قىسمى ئۆكتىچىلەرنىڭ، يەنە بىر قىسمى بولسا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا. سۈرىيەدىكى تەرەپلەر جوبارنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىككى يىلدىن بۇيان  توقۇنۇشماقتا.

دەمەشقتىكى AFP مۇخبىرلىرى شەھەر مىقىياسىدىكى پارتلاشلاردىن كېيىن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئابباسىد مەيدانىغا تۇتۇشىدىغان يوللارنى قامال قىلىۋالغانلىقلىرىنى خەۋەر قىلىشتى.

مەركىزى لوندوندا بولغان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بارزەخ، تىشرەن ۋە كابۇن قاتارلىق رايونلاردىكى بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دەمەشقتە ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى ئەدلىيە ئىدارىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 31 ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئارقىدىنلا شەھەرنىڭ غەربىدىكى بىر ئاشخانىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئەسناسىدىمۇ 20 ئادەم ئۆلگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەدە 6 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر