فىرانسىيەدە بىر زوراۋان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقاردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئورلى ئايرودۇرۇمىدا كىملىكى نامەلۇم بىر زوراۋان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقاردى.

694176
فىرانسىيەدە بىر زوراۋان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمۇ قوراللىقنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. ۋەقەدىن كېيىن ئايرودۇرۇم تاقالدى ھەمدە ئايرودۇرۇمغا ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە قىسىملار

باشقا زوراۋانلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتىگەن تەرەپلەردە يەنە بىر زوراۋان پارىژ ئەتراپىدىكى لا كورنېۋې يېزىسىدا ساقچىلارغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولۇپ، زوراۋاننىڭ ئاپتوموبىلى ئورلىدا تېپىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى ۋەقەنىڭ چېتىشلىقى يوق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر