سۈرىيەدە بىر جامە جامائەت ناماز قىلىۋاتقاندا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ ئەتارىب ناھىيەسىگە قاراشلىق جىنا يېزىسىدىكى بىر جامە جامائەت خۇپتەن نامىزى ئوقۇۋاتقاندا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 58 كىشى قازا قىلدى.

693360
سۈرىيەدە بىر جامە جامائەت ناماز قىلىۋاتقاندا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئونلارچە كىشى يارىلانغان ھۇجۇمدا پۇقرالارنى قوغداش ئەترەتلىرى خارابىلىككە ئايلانغان جامەنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا.

200 – 300 ئەتراپىدا كىشى ناماز ئوقۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

بۇ ئارىلىقتا، ھۇجۇمنى ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئائىت ئايروپىلانلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىشتاب تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئىدلىبتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەمدە ئەلقائىدەگە ئائىت بىر يىغىلىش ئورنىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى، بومباردىماندا كۆپ ساندا تېررورىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى ئىدلىبتىكى ھۇجۇم بىلەن جىنا يېزىسىدىكى ھۇجۇمنىڭ ئەسلىدە بىر ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ھۇجۇمنىڭ ئىدلىبتە ئەمەس، ھەلەبنىڭ جىنا يېزىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى ھەمدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ جامەگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇش ئېھتىمالىنىمۇ ئىنكار قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر