سۈرىيەدە بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلدى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىدا تېببىي ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۆرەك ئاجىزلىشىش كېسىلىگە دۇچار بولغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا.

692805
سۈرىيەدە بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي غۇتەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دەمەشق چەت ياقىسى كەسپىي دوختۇرخانىسى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى رايوندا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان دىيالىز يولى بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئۈچىنچى بۆرەك كېسىلى بىمارىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دوختۇرخانا بايانات بېرىپ، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە دۇچار بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىنىڭ دىئالىز بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان مۇھەممەد ئەمرەنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تېببىي ئاپپاراتلارنىڭ يېتەرسىزلىكى يۈزىسىدىن ئۆلگەن بىمار سانىنىڭ ئۈچكە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتىدا، بىمارلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ «ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ب د ت  ياردەم ئورگانلىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلى بىر ھەپتە ئىلگىرى رايونغا يېتىپ كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان دىئالىز لازىمەتلىكلىرىنىڭ تۈگەپ كېتىشى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۇمادا خىزمەت قىلىۋاتقان دەمەشق ئەتراپى كەسپىي دوختۇرخانىسى مەسئۇللىرى، دوختۇرخانىدا 39 دىئالىز بىمارىنىڭ بارلىقىنى، تېببىي لازىمەتلىكلەرنىڭ كېچىكىپ كېتىشى يۈزىسىدىن دىئالىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر