«ئەرەبلەرنى ئىسرائىلىيە گىراژدانلىقىدىن چىقىرىپ پالىۋېتىش كېرەك»

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ئەرەبلەرنى ئىسرائىلىيە گىراژدانلىقىدىن چىقىرىپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا پالىۋېتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

690832
«ئەرەبلەرنى  ئىسرائىلىيە گىراژدانلىقىدىن چىقىرىپ  پالىۋېتىش كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان ئەرەبلەرنى گىراژدانلىقتىن چىقىرىپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا «پالىۋېتىش»تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ئاۋىگدور لىبېرمان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جاسون گىرېنبىلاتتنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن زىيارىتىدىن ئىلگىرى يازما بايانات بېرىپ، تىنچلىقنىڭ يېگانە يولىنىڭ «نوپۇس ئالماشتۇرۇش»ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرى بىلەن شەرقىي قۇددۇستىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن لىبېرمان «زېمىن ئورنىغا تىنچلىق»پىرىنسىپىغا تايانغان ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لىبېرمان ئىسرائىلىيە نوپۇسىنىڭ %22سىنى پەلەستىنلىكلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بىرمۇ يەھۇدىي بولمىغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەيخ رايىد سالاھ، ئەيمەن ئاۋدە، باسىل گاتتاس، خانىن زۇبىنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق يوللۇق سەۋەب يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدىكى بىرلەشمە ئەرەب گۇرۇپپىسى باشلىقى ئەيمەن ئاۋدې بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، لىبېرماننىڭ «نوپۇس ئالماشتۇرۇش»تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «لىبېرماننىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەرەب پۇقرالىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى گىراژدانلىقتىن چىقىرىش ئۇرۇنۇشى»ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرالارنى ئاساس قىلىشنى ۋە كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشقا خاتىمە بېرىشنى قوبۇل قىلماسلىقى سەۋەبىدىن 2014-يىلى ئاپرېلدا توختىتىلغانىدى.

شەرقىي قۇددۇس بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا، شەرقىي قۇددۇستتا 200مىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىدىمۇ 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشىماقتا.

خەلقئارا قانۇندا بۇ رايونلاردىكى بارلىق كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر