ئەلباب پۇقرالىرى باشتىن كەچۈرگەن دەھشەتلىك كۈنلىرىنى ئەسلىدى

ئەلباب پۇقرالىرى ئۈچ ئاي دائېش كونتروللۇقى ئاستىدا ياشىدى، ئۇلار ھەركۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا گۇۋاھچى بولدى.

690458
ئەلباب پۇقرالىرى باشتىن كەچۈرگەن دەھشەتلىك كۈنلىرىنى ئەسلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئالتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى خانىۋەيران قىلدى. بۇ خانىۋەيرانچىلىق پۇقرالارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شىمالغا جايلاشقان ئەلباب شەھىرىدە كۈندىلىك ھايات ئاستا-ئاستا نورماللىشىشقا باشلىدى. شەھەر پۇقرالىرى ئۈچ ئاي جەريانىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ غالجىرلارچە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە گۇۋاھ بولدى. شەھەردە ياشايدىغان مارۋان سادىييا مۇنداق دېدى:

«ساقىلىنى چۈشۈرگەن ھەر قانداق كىشى تۈرمىگە تاشلىناتتى، دىنىي قائىدەلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ بېشى ئېلىناتتى، يېقىنقى كۈنلەرگىچە بېشى يوق جەسەتلەر ھەممە يەردىن تېپىلاتتى.»

تۈركىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى فېۋرال ئېيىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا نورمال تۇرمۇشقا قايتقان شەھەر پۇقرالىرى دائېش تاشلاپ كەتكەن خانىۋەيرانچىلىقنى تۈزەش ئۈچۈن تىرىشىشقا باشلىدى.

شەھەر ئەتراپى ھەر خىل تۇزاقلار ۋە پارتلىغۇچى ماددىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، مەسئۇل دائىرىلەر نۇرغۇنلىغان جايلارنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر