رۇھانى قايتا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.

690387
رۇھانى قايتا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار ئاگېنتلىقى – ئىسنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت تېھراندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىران ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەسى مىنىستىرى مەھمۇد ۋائىزى، رۇھانىنىڭ ئاي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 12 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنت سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشۈش ئۈچۈن نامزات بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۆتىدىللىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى باشلىقى رۇھانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋائىزى، رۇھانىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن سابىق پىرېزىدېنت ھاشىمى رەفسانجانىنىڭ ۋاپات بولۇشىنىڭ سايلاملارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «رەفسانجانى بىلەن رۇھانىنىڭ يېقىنلىقى تارىخىدۇر. بۇ ئىككەيلەن ئىنقىلابتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يېقىن ئىدى. خەلقنىڭ رەفسانجانىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغان كىشى سۈپىتىدە رۇھانىنى قوللىشى تەبئىي ئەھۋالدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراندا 12 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 19 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر