خىتايدا بالىلار باغچىسىدىكى چاقپەلەك ئۆرۈلۈپ چۈشتى

خىتايدىكى بىر باغچىدا چاقپەلەك ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، بىرسى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى يارىدار بولدى.

690280
خىتايدا بالىلار باغچىسىدىكى چاقپەلەك ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا تېخى يېڭىلا ئېچىلغان بىر بالىلار باغچىسىدا ئونلىغان كىشى ئولتۇرغان چاقپەلەك تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

ۋەقە خىتاينىڭ شىخەي شەھىرىدىكى يېڭى ئېچىلغان بالىلار باغچىسىدا كەچتە ھەممەيلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى.

چاقپەلەك چۆگىلەشكە باشلىشى بىلەن تەڭ تۇيۇقسىز كاشىلا چىقىپ، تەخمىنەن 5 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشتى.

ۋەقەدە بىرسى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى يارىدار بولدى. چاقپەلەكنىڭ ئاستىدا قالغان بالىلار قۇتقۇزۇپ قىلىندى.

نەق مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار چاقپەلەك ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ئىلگىرى شىدەتلىك ئاۋاز چىققانلىقىنى ۋە چاقپەلەكنىڭ بالىلارنىڭ قىيا–چىيالىرى ئارىسىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

چاقپەلەك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن چاغدا تېخى تولۇق يۇقىرى ئۆرلىمىگەنلىكى، ناۋادا ۋەقە بىر قانچە منۇت كېيىن يۈز بەرگەن بولسا، تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر