ئامېرىكىدا ئۆلگەن رۇسىيەلىك دائىمىي ۋەكىلنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاشكارىلانمايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكەن ئاي 64 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالى چۇركىننىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاشكارىلانمايدۇ.

689361
ئامېرىكىدا ئۆلگەن رۇسىيەلىك دائىمىي ۋەكىلنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاشكارىلانمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەسەت تەكشۈرۈشنىڭ تاماملانغانلىقى، بىراق دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇنلارغا ئاساسەن ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋىتالى چۇركىن 20 – فېۋرال كۈنى رۇسىيە ۋاكالەتخانىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

ئۇدا 10 يىل رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن چۇركىننىڭ جەسىتى رۇسىيەگە ئېلىپ بېرىلغان ۋە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن دەپنە قىلىنغانىدى.

يېقىنقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە ئارقىمۇئارقا 5 رۇس دىپلوماتنىڭ قازا قىلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرىنى مەزكۇر دىپلوماتلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرىگە ئاغدۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر