خىتاينىڭ كۆرۈنمەس ئايروپىلانى ئارمىيەنىڭ خىزمىتىگە كىردى
خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى J-20 تىپلىق كۆرۈنمەس ئايروپىلاننىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ خىزمىتىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
689016
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2011 – يىلى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان ئايروپىلان قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.
خىتاينىڭ J-20 ۋە J-31 تىپلىق، ئامېرىكىنىڭ F-22 ۋە F-35 تىپلىق، رۇسىيەنىڭ T-50 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى «راداردا كۆرۈنمەيدىغان ئايروپىلانلار» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىكەن.
J-20 تىپلىق كۆرۈنمەس ئايروپىلان نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن جۇخەي ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە سىناق قىلىنغانىدى.