ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەزان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىيوردانىيە، ئەزاننى مەنئىي قىلىش قانۇن تەكلىپىنىڭ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشتىلا قوبۇل قىلىنىشىنىڭ «تىنچلىق كېلىشىمىگە زىت» ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

687994
ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەزان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەنىڭ مېدىياغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلمۇمانى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ 7 – ماددىسىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە، «ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى ئىسلامنىڭ مۇقەددەس قىممەت – قاراشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش دائىرىسىدە ئىيوردانىيەنىڭ ئالاھىدە رولىغا ھۆرمەت قىلىشى» نى مەزمۇن قىلغان بىر ئىبارىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «ئەزاننى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى تىنچلىق كېلىشىمىگە زىت» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيە ئارىسىدا 1994 – يىلى 26 – ئۆكتەبىردە ئارەبە ۋادىسىدا ئىمزالانغان ئىيوردانىيە – ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەسجىدى ئەقسا ۋە قۇددۇستىكى فوندىلار (ۋەقپىلەر)، ئىيوردانىيە فوندىلار، مۇقەددەس ماكانلار ۋە ئىسلامىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قۇددۇس فوندىلار باشقارمىسىنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇلغانىدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، 2014 – يىلى مارتتا ئىيوردانىيە «قۇددۇسنى ۋە مۇقەددەس ماكانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ھوقۇقى» نى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر