پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىنى تاقىدى

پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىدىكى توركخام ۋە چېمان چېگرا ئېغىزلىرىنى ئىككى كۈن ئوچۇق قالغاندىن كېيىن تاقىدى.

688293
پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان چېگرا مۇداپىئەسى تارماقلىرى توركخام ۋە چېمان چېگرا ئېغىزلىرىدىن ئىككى كۈن ئىچىدە 25 مىڭ كىشىنىڭ ئىككى تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى، ئاندىن بۇ چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان پاكىستاندا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئافغانىستان تېرروتېرىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراپ ئىككى چېگرا ئېغىزىنى 3 ھەپتە ئىلگىرى تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر