ئىسرائىلىيە، ترامپتىن غەربىي قىرغاق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كنېسسېت) تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

686369
ئىسرائىلىيە، ترامپتىن غەربىي قىرغاق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان تەقدىردە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن كىرىزىس چىقىدىغانلىقى» توغرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كنېسسېت) تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان لىبېرمان، بەزى ئىسرائىلىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ غەربىي قىرغاقنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە 1967 – يىلىدىن بۇيان غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.  400 مىڭغا يېقىن يەھۇدىي كۆچمەن قانۇنسىز يوسۇندا ياشاۋاتقان غەربىي قىرغاق بىلەن 200 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەن قانۇنسىز ياشاۋاتقان شەرقىي قۇددۇستىكى ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇدىيىتى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «ئىشغال» دەپ قارالماقتا.

ئىسرائىلىيە يەنە، ئىككى مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان غەززە شەھىرىنى 2006 – يىلىدىن بۇيان مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇتۇش ئارقىلىق ئىنسانىي كىرىزىسلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر