پاكىستان-ئافغانسىتان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 ئەسكەر ۋە 10 زوراۋان ئۆلدى.
685139
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى ئۈچ ژاندارما پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 ئەسكەر ئۆلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۈچ ژاندارما پونكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ھۇجۇمدا 5 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان توقۇنۇشتا 10 زوراۋاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.