ئوباما ترامپنى مەخپىي تىڭشاتقۇزغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلارنى رەت قىلدى

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنى مەخپىي تىڭشاتقۇزغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

684768
ئوباما ترامپنى مەخپىي تىڭشاتقۇزغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلارنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تېلېفونىنىڭ مەخپىي تىڭشالغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 باراك ئوبامانىڭ باياناتچىسى كېۋىن لېۋىس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ Twitter ئادرېسىدا تارقاتقان «ئوبامانىڭ غەلبىمىزدىن ئىلگىرى مېنى مەخپىي تىڭشاتقۇزغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم»دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرى توغرۇلۇق يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «پىرېزىدېنت ئوباما ياكى ئاقسارايدىكى ھەر قانداق بىر مەسئۇل بىرمۇ ئامېرىكا پۇقراسىنى مەخپىي تىڭشاتقۇزۇشقا يوليۇرۇق بەرمىدى. شۇڭا ترامپنىڭ بۇ قاراشلىرى تامامەن ئاساسسىزدۇر.»

دونالد ترامپنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن لېۋىس باياناتىدا مۇنۇ جۈملىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى: «ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسپىلىرىدىن بىرسى بىرمۇ ئاقساراي مەسئۇلىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئارىلاشماسلىقىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر