مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى 3 كۈن ئېچىۋېتىدۇ

مىسىر ھاكىمىيىتى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى 3 كۈن ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

684783
مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى 3 كۈن ئېچىۋېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ھاكىمىيىتى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئەتىدىن باشلاپ 3 كۈن ئېچىۋېتىدۇ.

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چېگرا ئېغىزلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسىر ھاكىمىيىتى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى دۈشەنبەدىن چارشەنبەگىچە ئېچىش توغرۇلۇق يوليۇرۇق بەرگەن.

مەزكۇر چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانى 16مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

مىسىر ھاكىمىيىتى 2013-يىلى 3-ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قەرەللىك ھالدا بولسىمۇ ئېچىپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر