جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى مىنىستىرنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلغان گېرمانىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرىنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

684458
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا بىر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ بىلەن ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىنىڭ گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرىمىز بىلەن ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرىمىزنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىنى ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولامدۇ؟ مەنمۇ ۋىدېئو كۆرۈنۈشى ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى بىر يىغىلىشتا خەلققە خىتاب قىلاتتىم، ئەمما گېرمانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى دەرھال قارار چىقىرىپ، مېنىڭ سۆز قىلىشىمنى مەنئىي قىلدى. بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىدىن جەمىل بايىقنىڭ ئىراقتىكى قەندىل تېغىدىن ۋىدېئو ئارقىلىق سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇنداق قىلغانلارنىڭ ئەسلىدە تېررورغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىشى لازىم. دەرۋەقە، بۇ ۋەقە ھەممىگە ئايان.»

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Die Welt› گېزىتى»  ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېلان قىلغان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ يەردىكى بىر ۋەكىلى ئۆتكەن ھەپتە قولغا ئېلىندى. چۈنكى ئۇ قانداقتۇر بىر گېزىتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە پ ك ك نىڭ ۋەكىلى، گېرمانىيە جاسۇسى سۈپىتىدە ئۇدا بىر ئاي گېرمانىيە كونسۇلخانىسىدا يوشۇرۇنۇۋالغان. ئالاقىدار تارماقلىرىمىز ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۇنى تاپشۇرمىدى. بۇ ھەقتە ماڭا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۆز ئاچقاندىمۇ ئۇنىڭغا: ئالاقىدار تارماقلىرىمىز سىلەردىكى تېررورىستلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ دەرۋەقە، سىلەر ئەدلىيە مۇستەقىل ئورگان دەۋاتىسىلەر. بىز نۆۋەتتە مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ ئورگان بولغان ئەدلىيەمىزگە ئىشىنىمىز، سىلەرمۇ تېررورىستلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئاشۇ ئورگاندا سوتلانسۇن، دېدىم. گېرمانىيە دەسلەپتە ئۇ كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرمىدى، كېيىنچە نېمىشقىكىن تاپشۇرۇپ بەردى، ئەدلىيەمۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئۇنى قولغا ئالدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭلارچە تېررورىست گېرمانىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر