موسكۋا – ئەنقەرە دائېشقا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى بارلىقى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىگە موسكۋادىن جاۋاب كەلدى.

684213
موسكۋا – ئەنقەرە دائېشقا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇما دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندرېي كراسوۋ، «ھۆكۈمىتىمىز بۇ سىگنالغا ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەلىپىگە ئىجابىي قارايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

كراسوۋ رۇسىيەنىڭ Sputnik خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھازىرمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئورتاق بىر  پىلان تۈزۈپ چىقتۇق. باشقا مەسىلىلەردىمۇ كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن رەھبەرلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ كۆرۈشۈشى مۇھىم بولۇشى مۇمكىن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان موسكۋادىن تەكلىپ كەلگەن تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر