ۋاتىكاندا دىنىي زاتلارنىڭ بەچچىۋازلىقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزاسى ئىستىپا بەردى

مارىي كوللىنس چېركاۋلار ئىچىدىكى جىنىسىي چېرىكلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىچىك بالىلارنى قوغداش ۋە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن چىرىكلىكلەرنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان كومېتىتقا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

683436
ۋاتىكاندا دىنىي زاتلارنىڭ بەچچىۋازلىقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزاسى ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكاندا پاپا فىرانجىسجۇس تەرىپىدىن قۇرۇلغان «كىچىك بالىلارنى جىنسىي سvيئىستېمال قىلىشقا قارشى كۈرەش ۋە بالىلارنى قوغداش كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى ئىرېلاندىيەلىك  مارىي كوللىنس يېتەرلىك دەرىجىدە ھەمكارلىق كۆرمىگەنلىكى يۈزىسىدىن ئىستېپا بەردى.

پاپا فىرانجىسجۇسنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن 2014 – يىلى چېركاۋلار ئىچىدىكى جىنىسىي چىرىكلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىچىك بالىلارنى قوغداش ۋە ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن چىرىكلىكلەرنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە كومېتىتقا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مارىي كوللىنس، كومىتېتنىڭ كىچىك ۋاقتىدا جىنسىي سۈيئىستېمالغا ئۇچرىغان بىردىنبىر ئەزاسى ئىدى.

مارىي كوللىنس پاپاغا بىر مەكتۇب يېزىپ، «خەلقنىڭ ئالدىدا ياخشى باياناتلارنى بېرىپ يۈرۈشكەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىشىك ئارقىسىدا دەل ئەكسىچە ئىشلارنى قىلماقتا» دېدى ۋە چېركاۋدا جىنسىي سۈئىيئىستېمالغا چېتىشلىقى بولغان كىشىلەرنىڭ مەلۇم شەكىلدە قوغداپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاتىكان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مارىي كوللىنسنىڭ ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى رەھبەرلىكى ۋە ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ھەمكارلاشمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە شۇڭا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، مارىي كوللىنسنىڭ دىنىي زاتلارنىڭ كىچىك بالىلارنى جىنسىي سۈيئىستېمال قىلىشىغا قارشى كۈرەشكە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە كومىتېت نامىدىن قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

 مارىي كوللىنس كومىتېتتىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، 16 كىشىلىك كومىتېت ئەزالىرى ئارىسىدا جىنسىي سۈيئىستېمالغا ئۇچراپ باققان بىرمۇ ئەزا قالمىغان بولدى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر