ئامېرىكىنىڭ يېڭى ۋىزا تۈزۈمىدە ئىراققا قويۇلغان چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پەيشەنبە (2-مارت) كۈنى ئىمزالىشى كۈتۈلۈۋاتقان يېڭى ۋىزا تۈزۈمىدە، ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن يەتتە مۇسۇلمان دۆلەت ئىچىدىن ئىراقنىڭ چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

682571
ئامېرىكىنىڭ يېڭى ۋىزا تۈزۈمىدە ئىراققا قويۇلغان چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بىراق نام-شەرىپىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان تۆت نەپەر ھۆكۈمەت ئەملدارى، يېڭى ۋىزا تۈزۈمىدە 90 كۈن بويىچە ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن دۆلەت پۇقرالىرى تىزىملىكىدىن ئىراقنىڭ چىقىرىۋېتىلىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى قانۇننىڭ، ئىران، لىۋىيە، سومالى، سۇدان، سۈرىيە، يەمەندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇل دائىرىلەر، يېڭى قانۇندا ئاقساراي بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينىغان ئىراققا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش مەسىلىسىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا چاقىرغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىملىرى تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېڭى قانۇندا، مۇساپىرلار مەسىلىسى مەلۇم مەزگىلگىچە توختىتىپ قويۇلىدىغان بولۇپ، سۈرىيەلىكلەرگە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىكەن.

خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى قانۇندا ئامېرىكىغا كەلگەن مۇساپىرلار ئارىسىدا خىرىستىيانلارغا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىش ماددىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئېھتىمالى بولغان قانۇنىي توسقۇنلۇقنى باشتىن ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتىنىڭ بۈگۈن (1-مارت) كى سانىدا ئېلان قىلىنغان ترامپ ھۆكۈمىتىگە يېقىن كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرى ئاساس قىلىنىپ بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى ۋىزا تۈزۈمى بۇندىن كېيىنكى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرىگە تەسىر قىلىدىكەن. يېشىل كارتىغا ئېرىشكەنلەر ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا ۋىزاسى بىلەن تۇرۇۋاتقانلار بولسا، بۇنىڭ سىرتىدا بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر