ۋېنگرىيە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ

ۋېنگرىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جانوس لازار غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋېنگرىيەگە قايۇتۇرۇۋەتمەكچى بولغان 30 مىڭ كۆچمەننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

682054
ۋېنگرىيە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لازار بىر يىغىندا كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، بولۇپمۇ باھار ۋە ياز ئايلىرىدا كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ۋېنگرىيە ئارقىلىق غەربىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئۆتكەن كۆچمەنلەرنىڭ تەكرار ۋېنگرىيەگە قايتۇرۇۋېتىلمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ياۋروپا ئەللىرى 2015 – يىلى ۋېنگرىيە ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كەتكەن تەخمىنەن 30 مىڭ كۆچمەننى تەكرار ۋېنگرىيەگە قايتۇرۇۋېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئىنسانلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا دەسلەپتە ۋېنگرىيە ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە گىرېتسىيە ئارقىلىق كىرگەن. شۇڭا ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىنسانلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.»

مىنىستىر لازار ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋېنگرىيە – سېربىيە چېگراسىدا سىم توسۇق بەرپا قىلىش قارارى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا يەنە مۇنداق دېدى: «ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپاغا ھەمىشە چېگرالارنى سىم توسۇقلار بىلەن، قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلاش بىلەن ۋە ئادەم كۈچى بىلەن قوغداشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ۋېنگرىيە چېگراسىدا بىر كۈندە 10 مىڭ ساقچى ۋە ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتىگەن كۈنلەرمۇ بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر