باڭلادېش كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

كوسوۋو ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، باڭلادېشنىڭ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

682500
باڭلادېش كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش كوسوۋونى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان 114 – دۆلەت بولدى؛ كوسوۋو باش مىنىستىرى ئىسا مۇستافا، باڭلادېش بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلدى.

كوسوۋو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، باڭلادېشنىڭ كوسوۋونى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى، كوسوۋو باش مىنىستىرى ئىسا مۇستافانىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باڭلادېشقا رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باش مىنىستىر مۇستافا، باڭلادېشنىڭ كوسوۋونى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئۇتۇقلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، كوسوۋونىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش مۇساپىسىنىڭ ب د ت  ئەزالىقىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كوسوۋونى باڭلادېشتىن ئىلگىرى 2016 – يىلى دېكابىر ئېيىدا سىنگاپۇر ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر