سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى: پ ك ك / پ ي د توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت نىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان سۈرىيەلىك ھەربىي ئۆكتىچىلەر، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

681629
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى: پ ك ك / پ ي د توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان 4 – نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك ھەربىي ئۆكتىچىلەر، راققەنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىلىشىنىڭ خەۋپلىك بولىدىغانلىقىنى، راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب د ت  نىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان سۈرىيەلىك ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىلى شۇنداقلا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بىرى فائىز ئەسمەر، تۈنۈگۈن ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىدىن مۇنبىچكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەلبابنى جەنۇب تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

فائىز ئەسمەر، «پ ي د بىلەن ھاكىمىيەت، فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ راققەگە يېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىدا توسۇق ھاسىل قىلدى. پ ي د ۋە ھاكىمىيەت ئارىسىدا راققە ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بىر كېلىشىم بار. بۇ كېلىشىمنى رۇسىيەمۇ قوللاۋاتىدۇ» دېدى.

ھاكىمىيەتنىڭ ھەلەبنىڭ شەرقىي چەت ياقىسىدىكى دەيرھافر، مەسكەنە ۋە تابەقە رايونلىرىدىن راققەگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەسمەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھاكىمىيەت چۆلدىن، تەدمۇر تەرىپىدىنمۇ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنىدۇ. پ ي د بولسا، راققەنىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالىدىن ئىلگىرىلەشكە تىرىشماقتا. بۇ شەكىلدە، پ ي د بىلەن ھاكىمىيەت ھەم شىمال، ھەم غەرب ھەم جەنۇب تەرەپتىن راققەگە ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى راققەگە تەلئەبياد ئارقىلىق كىرىدىغان بولسا، بىر كارىدور ئېچىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، پ ي د بىلەن كوردىناتسىيە ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ھاكىمىيەتمۇ راققەگە كىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمىيەت بىلەنمۇ كوردىناتسىيە ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ بولسا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويىدۇ.»

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى جەنۇب فىرونتى (ئەلجەبھەتۇلجەنۇبىييە) ۋەكىلى ھەسەن ئىبراھىممۇ، ئەلبابنىڭ دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۈلگە ياراتقانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىنشائاللاھ، تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق راققەگىچە يېتىپ بارار. دائېشنى سۈرىيەدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلايمىز» دېدى.

پ ك ك / پ ي د نىڭ راققەگە ئۆز ئالدىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبراھىم، «پ ي د نىڭ راققەگە قىلغۇسى بىر ھۇجۇمى شەھەرنىڭ ۋەزىيىتىنى چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى، رايوندىكى ئەرەبلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلساڭلار بولمايدۇ. خۇلاسىلىگەندە، پ ي د شەھەرگە كىرىشى ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ ۋە مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر