بەھرەيندە ساقچىلارغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
بەھرەين ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان جەۋ يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
680483
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىندە ساقچى ئاپتوموبىلى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە ئاپتوموبىلدىكى 4 ساقچى يارىلاندى.
بەھرەين ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مەزكۇر بومبا ھۇجۇمىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان جەۋ يېزىسىغا يېقىن يەردە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان 4 ساقچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
باياناتتا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىغانلىقى، بۇ ھۇجۇمنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە بەھرەيىندە مەيدانغا كەلگەن بەشىنچى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.