بەششار ئەسەد پۇقرالارغا ناپالم بومبىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى دۆلەتتىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، تېرروتېرىيەسىدىكى ئۆكتىچىلەرنى بومبىلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

679556
بەششار ئەسەد پۇقرالارغا ناپالم بومبىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دىرئە شەھىرىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى خەرەستە ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغىمۇ ناپالم بومبىلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.

بومباردىماندا كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى، ناپالم بومبىلىرى چۈشكەن بىنالارغا ئوت كەتتى ۋە ماددىي زىيان كېلىپ چىقتى.

دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى خەرەستە ناھىيەسى 19 – فېۋرال سۈرىيە ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى كابۇل مەھەللىسىدىن قاچقان تەخمىنەن 3 مىڭ ئائىلىلىكنى باغرىغا باسماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى مىستۇرا رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن جەنۋە مۇزاكىرىلىرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر بومباردىماننى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر