ئەلباب ناھىيەسى دائېشتىن تولۇق تازىلاندى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەلبابا ناھىيەسىنىڭ كونتروللۇقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تەلتۆكۈس تارتىپ ئالدى.

678907
ئەلباب ناھىيەسى دائېشتىن تولۇق تازىلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يارىدىمى بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەلباب ناھىيەسى مەركىزىنىڭ كونتروللۇقىنى تولۇق تارتىپ ئالدى. 

ناھىيە مەركىزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تولۇق تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچلارنىمۇ تازىلىدى.

ئەلباب ھەرىكىتىدە ئورۇن ئالغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن ئەھمەد ئەلشاھابى «ناھىيە مەركىزىنىڭ كونتىروللۇقى ھازىر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنا ۋە پارتلاتقۇچلار سەۋەبىدىن تەمكىن بىر شەكىلدە ئىلگىرلىمەكتىمىز» دېدى. 

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئەزەز بىلەن جىرابلۇس ئوتتۇرىسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىغاندىن كېيىن، دېكابىر ئېيىدا ئەلبابقا يۈزلەنگەن ئىدى. 

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە قاتناشقان قىسىملار ئەلباب ناھىيە مەركىزىگە تېز كىرىشنىڭ ئورنىغا تېررورچىلارنىڭ تاقابىل تۈرۈش كۈچىنى پاچاقلاش ئۈچۈن ئەلبابنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئىلگىرىلەش يولىنى تاللىغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىنىپ، 184 – كۈنىگىچە بولغان جەرياندا، جەمئىي 1900 كېۋادرات كېلومېتىردىن كۆپرەك رايون تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاندى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تۈركىيە چېگراسىدىن سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ 35 كېلومېتىر ئىلگىرىلىگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر