پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا

ھەربىي مەنبەلەر، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، سۈرىيەدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

678616
پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدىمۇ قان تۆكمەكتە؛ تېررورچىلارنىڭ جىبرىن يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككىسى كىچىك بالا، ئۈچى ئايال بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھەربىي مەنبەلەر، پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، سۈرىيەدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قەتئىي نەزەرگە ئالماستىن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كۆپ جاينى قولغا كىرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ قارىشىچە، تېررورچىلار، بۇ خائىن پىلانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن نە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، نە كىشىلىك ھوقۇق، نە خەلقئارا قانۇنغا دىققەت قىلمايدىكەن؛ ئايال، كىچىك بالا، ياشانغان، دەپ ئايرىم ئايرىماستىن رايون خەلقىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلماقتا ئىكەن.

تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپتىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن پ ك ك / پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى توختاۋسىز كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رايوندىكى ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى ئەلباب ھەربىي ھەرىكىتى ئۇتۇقلۇق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شەھەرنىڭ كونتروللۇقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر