كانادادا بىر مەسجىدگە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىندى

ۋەقەگە چېتىشلىق 26 ياشلىق بىر گۇماندار قاماققا ئېلىندى.

677562
كانادادا بىر مەسجىدگە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ مونتىرېل شەھىرىدە ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئاچقان تاۋۇبا مەسجىدىگە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

مونتىرېل ساقچى دائىرىلىرى مەسجىدنىڭ ئىشىك – دەرىزىلىرىنىڭ تاش ئېتىپ چىقىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن، 26 ياشلىق بىر گۇماندارنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گۇماندارنىڭ نەپرەت جىنايىتى ۋە لۈكچەكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆتكەن ئايدا كۇيۇبېك شەھىرى مەركىزىدىكى جامەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان ۋە 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئالېكساندىرە بىسسوننېت بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم سوتقا تارتىلدى. 

تېررورلۇق ھۇجۇمچىسى بىسسوننېت 6 قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن سوتلاندى ۋە كېيىنكى سوتنىڭ ۋاقتى 30 مارت دەپ بېكىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر