ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون، لوس ئانجېلىس ۋە نىيۇيورك قاتارلىق چوڭ شەھەلىرىدە دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

676615
ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 13-فېۋرالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مايكېل فىلىننىڭ ئورنىغا گېنېرال ھېربېرت رايموند مېكماستىرنى تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ھەپتە ئاخىرى بارغان فىلورىدادا يېڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسىنى ئېلان قىلدى.

مېكماستىر توغرۇلۇق «تولىمۇ قابىل ۋە تەجرىبىلىك ئادەم»دېگەن دونالد ترامپ، يېڭى نامزاتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى فىلىننىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق كەلگەن پىسنىيەگە چىققان گېنېرال كېيىس كېلاگ، دونالد ترامپ تەرىپىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، پايتەخت ۋاشىنگىتون بولۇپ نۇرغۇن شەھەردە دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگىتونغا يىغىلغان مىڭدەك نامايىشچى ئۇزۇندىن بۇيان تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان «پىرېزىدېنتلار كۈنى»دە ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېتنى دونالد ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكىدا ھەر يىلى فېۋرالنىڭ ئۈچىنچى دۈشەنبە كۈنى تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان «پىرېزىدېنتلار كۈنى»، بۇ يىل دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئېيىغا توغرا كەلدى.

نىيۇيورك، چىكاگو، لول ئانجېلىسقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە «بۈگۈن پىرېزىدېنتىمنىڭ كۈنى ئەمەس»دېگەن شوئارلار ئاستىدا دونالد ترامپقا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر